ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

كانادا گېزىتى «لاگېرلار» ھەققىدە خەۋەر بەردى

كانادا گېزىتى «لاگېرلار» ھەققىدە خەۋەر بەردى
4- ئىيۇل كانادادا چىقىلىدىغان«يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» دە شەرقىي تۈركىستاندىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دىكى چىدىغۇسىز روھىي ۋە جىسمانىي قىيناشلار ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ ئىچكى تۈزۈمى ۋە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا دائىر بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان.
«يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ناتان ۋاندېركلىپ لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان ئۇيغۇر ئايالنى زىيارەت قىلىپ، لاگېردا قامالغانلارنىڭ شى جىنپىڭ ۋە كومپارتىيىگە ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە، ئىسلام ئېتىقادىنى «ئەخمەقلىك » دەپ ئەيىبلەشكە مەجبۇر قىلىنىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭ ئۇلۇغ، كومپارتىيە ئۇلۇغ، مەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە كومپارتىيىنىڭلا ماڭا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمىگەچكە، جازالىنىشىم ھەقلىق دېگەنلەرنى تەكرارلاشقا مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى، روھىي ۋە جىسمانىي بېسىمدا بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلار يەنە مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد، سىياسىي جەھەتلەردە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا تۇتقۇنلارنى «مېنىڭ روھۇم ئېغىر كېسەل بىلەن يۇقۇملاندى. بۇ دۇنيادا خۇدا يوق، مەن خۇداغا ئىشەنمەيمەن. مەن پەقەت كومپارتىيىگە ئىشىنىمەن،» دېگەن سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى، «مەن قۇدرەتلىك دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىنىڭ كۈچىنى بىلمەپتىمەن شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىماپتىكەن دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلاشقا مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە يەنە، گېرمانىيىلىك مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، «ھازىر ئۇيغۇر ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ ئاز دېگەندە 10پىرسەنتى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ قەيت قىلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ