كومپيۇتېر ئېكرانى پەيدا قىلغان رادىياتسىيەنىڭ مىقدارى گەرچە ئاز بولسىمۇ ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ

كومپيۇتېر ئېكرانى پەيدا قىلغان رادىياتسىيەنىڭ مىقدارى گەرچە ئاز بولسىمۇ ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن تېرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ، داغ ، كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇل ۋە تېرىلەرنىڭ بوشىشىپ كېتىشى ، قورۇق ، كۆز خالتىسى، كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىشقا ئوخشاش نورمالسىز ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا رادىياتسىيەسى تۆۋەن، پارقىرىمايدىغان، كۆرسىتىشى مۇقىم بولغان كومپىيۇتېرنى سەپلەش كېرەك . ئەڭ ياخشىسى سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران بولسا تېخىمۇ ياخشى. كومپيۇتېردا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا يۈزگە ئاسراش مېيى ، ئۇپا تەگلىكى قاتارلىقلارنى سۈركۈۋېلىش كېرەك . ئەڭ ياخشىسى ئېكرانغا قوغداش ئەينىكى سەپلىۋالسا بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، كۆپ كومپيۇتېر قويۇلغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇچىلار، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم يۈزىنى يۇيۇۋېتىشى كېرەك. ھامىلدارلار ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىغا چەك قويۇش كېرەك . چۈنكى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا رادىياتسىيە ھامىلىنىڭ غەيرىي يېتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .