ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېردىكى تۇتقۇنلار جىددى يۆتكىلىشكە باشلىغان

لاگېردىكى تۇتقۇنلار جىددى يۆتكىلىشكە باشلىغان
4- ئۆكتەبىر china Aid تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى جىددى باشقا رايونلارغا يۆتكەشكە باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېرلار مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كىلىپ، خىتاي خەلقئارادىكى ئىنسانى تۇيغۇغا ئېگە تەشكىلات ۋە دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشكە باشلىغان بىر پەيىتتە، خىتاي ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى كەڭ- كۆلەمدە باشقا رايونلارغا يۆتكەش باشلىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يەرلىك كىشىلەر مۇخبىرغا: ھازىر زور تۈركۈمدىكى ماشىنىلار لاگېردىن تۇتقۇنلارنى بېسىپ ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە باشلىغانلىقىنى، بىر قىسىم تۇتقۇنلار گەنسۇ ئۆلكىسىگە، بىر قسىمنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ، خىتايغا قوشۇۋېتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە، خىتاينىڭ يېقىن تارىختا مانجۇلارنىڭ بىر قىسمىنى قىرغىن قىلىپ بىر قىسمىنى خىتايغا قوشۇپ بولغانلىقىنى، خىتاي ئوخشاش ۋاسستە بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەتتا دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىمۇ ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ئارقىلىق بارلىق دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنى يوقاتماقچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ