ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېرغا قامالغان ئۆلىمالار (11)

لاگېرغا قامالغان ئۆلىمالار (11)
ئۆز خەۋىرىمىز: قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان ئۆلىمالار ۋە مەسچىت-جامەلەردە ئىمام، خاتىپلىق قىلىۋاتقان، دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان ئۆلىمالارنى، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئۆلىمالارنى «ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق» دېگەن باھانىلەر بىلەن جازا لاگېرىغا سولىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.
يۈسۈپجان رۇستەم، 53 ياش، غۇلجا شەھەر بايكۆل 10-خاڭ 42-قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق دىنىي ئۆلىما بولۇپ، 1995-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بايكوك مەسچىتىدە مۇئەززىنلىق قىلغان. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلى ئۈچىنچى ئايدا ئۇنىڭ ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابدۇلمۇتەللىپ يۈسۈپجاننى تۈركىيەگە بىر قېتىم بارغانلىقىنى باھانە قىلىپ تۇتقۇن قىلغان. 2017-يىلى 5-ئايلار ئەتراپىدا بولسا يۈسۈپجان رۇستەمنى تۇتقۇن قىلغان. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۈسۈپجان رۇستەمنىڭ چوڭ ئوغلى ئەھمەتجان رۇستەمنى تۇتقۇن قىلغان. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆيى ئادەمسىز قالغان. تۇغقانلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ