ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

لاگېرنىڭ ئېچىنىشلىق ئىچكى ئەھۋاللىرى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-05 11:12:15 جەمئى 1625 قېتىم ئوقۇلغان.

لاگېرنىڭ ئېچىنىشلىق ئىچكى ئەھۋاللىرى ئاشكارىلاندى

لاگېرنىڭ  ئېچىنىشلىق ئىچكى ئەھۋاللىرى ئاشكارىلاندى
4 – ئۆكتەبىر china Aid تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرلىشىچە ، لاگېر ئىچىدىكى ئېچىنىشلىق ئىچكى ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېرلارنى« A, B, C » دەپ ئۆچ دەرىجىگە ئايرىپ كونترول قىلغانلىقى ، ھەر بىر دەرىجىگە سولانغان تۇتقۇنلارغا قىلىنغان خورلاش ۋە باشقۇرۇش مۇئامىلىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى، يېڭى تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر C رايونغا سولىنىدىغانلىقى، بۇ ئورۇننىڭ باشقۇرۇشى ئادەتتە تۈرمىدىن قاتتىق ئىكەنلىكى، بۇ يەردىكى تۇتقۇنلارغا تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقتىدىن باشلاپ 24 سائەت تاماق ۋە سۇ بەرمەي قول پۇتى زەنجىر بىلەن چېتىلىپ ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇلىدىغانلىقى، ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇرۇپ سوراق قىلىپ روھى بېسىم قىلىش ئارقىلىق « كوممونىستىك پارتىيە ياخشى، پارتىيىگە تەشەككۈر، شىجىنپىڭغا رەھمەت» دېگەندەك سۆزلەرنى تەكرارلاشقا مەجبۇر قىلىدىغانلىقى، بىر قانچە كۈن كۈزەتكەندىن كېيىن ئاندىن B رايونغا يۆتكەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە يەنە، C رايوننىڭ مۇھىتى ئنتايىن ناچار بولۇپ بىنادا ئەسلىدە بار بولغان دەرىزىلەرنى قىش بىلەن ئىتىپ كېچىك بىر تۆشۇك قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
B رايوننىڭ ھەر بىرىدە نەچچە يۈزلىگەن كىشى بار بولۈپ، ئوبورنى بىلەن ياتىدىغان ئورۇن بىر كامىردا ئىكەن. كامېر مۇھىتى ئنتايىن ناچار بولۇپ، بۇ يەرگە سولانغان تۇتقۇنلار ھەر كۈنى ئەتتىگەندە سىرتقا ئېلىپ چىقىلىپ 15 مىنۇت خىتاي كوممونسىتىك پارتىيىسىنى ماختايدىغان ناخشىلارنى ئېيىتىشقا مەجبۇر قىلىنىدىكەن. ئەتتىگەنلىك تامىقىغا كۆكتات سۈيى بىلەن نان، چۈشلۈك تامىقىغا قورۇمىسى يوق گۈرۈچ دۈملىمىسى، كەچتە ھور نان بىرىدىغان بولۇپ تاماق سۈپىتى ئىنتايىن ناچار ئىكەن. بۇ رايوندىكى تۇتقۇنلار ئۆز ئار سۆزلىشىشكە، يىغلاشقا يول قويۇلمايدىكەن. گۇندىپايلار ھەر كۈنى بىر قانچە تۇتقۇننى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئۇرىدىكەن. كامېر ئىچىدىكىلەر يىغلىغان، توۋلىغان ئاۋازلارنى ئاڭلايدىكەن. بۇ رايوندىكى تۇتقۇنلار خورلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆلۈمنىلا ئارزۇ قىلىدىكەن. بۇ رايوندا ئۆزگەردى دەپ قارالغان تۇتقۇنلار Aرايونىغا يۆتكىلىدىكەن.
Aرايونىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كامېرى نسىبەتەن يورۇق بولۇپ تۇتقۇنلار كېچىدە يېتىپ ئۇخلىيالايدىكەن.




  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ