ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ يەسلىسىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-09 17:00:41 جەمئى 1730 قېتىم ئوقۇلغان.

مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ يەسلىسىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ يەسلىسىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
9- ئىيۇن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايۇنىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسى زەيتىبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاق دېڭىز سالونىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئېلىپ باردى.
مۇراىسىمغا ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى، شەرقىى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركسىتان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتى، دارولئىمان جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ يېىتەكچىلىرى ھەمدە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاتا- ئانىلىرى قاتناشتى.
مۇراسىمغا يېڭى نەسىل ھەرىكىتىدىن ئىرشات ئۆزلۈك رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ، مەسئۇللارنىڭ سۆز قىلىشى بىلەن داۋام قىلدى. كېيىن ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن تەييارلانغان قىسقا فىلىم قويۇلدى. شۇنداقلا جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا ئاتالغان قىسقا فىلىم ۋە گۈزەل ۋەتىنىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئەكسى ئەتتۈرۈلگەن فىلىملەردىن باشقا ئوماق ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ بىر-بىرىدىن رەڭدار نومۇرلىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇراسىم ئاخىرىدا ھەربىر ئوقۇغىچىلىرىمىزغا تاج كەيدۈرۈلدى ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيلەش يولىدا جاپا تارتقان ئوقۇتقۇچىلارغا ھەدىيە تارقىتىش بىلەن بىرگە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغىمۇ ھەدىيە بېرىلدى.
مۇراسىم ئوپچە دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ