ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مىسىردىكى خىتاي جاسۇسلىرى

مىسىردىكى خىتاي جاسۇسلىرى

يېڭى ئاكىت تورىنىڭ 14- كۈنىدىكى سەھىپىسىدە،  يېقىندا مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى،   4- ئىيول كۈنى مىسىر ئىستىخباراتى ۋە نىقابلانغان يۈزلىگەن خىتاي ئەسكەر ۋە ساقچىلىرى بىرلىكتە مىسىردىكى ئۇيغۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرگە قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەركىتى ئېلىپ بارغانلىقى، 8- ئىيول كۈنى خىتاينىڭ مىسىردىكى كونسۇلخانىسىدا «خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقى ئاستىدا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ھەربى ھەركەت» نامىدىكى بىر يىغىن ئېچىلغانلىقى  بىلدۈرۈلگەن.

بۇ يىغىندا مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى توپلاپ خىتاي ۋە مىسىر ئىستىخباراتىنى تەمىنلىگەن ۋە خىتاي جاسۇسى دەپ تونۇلغان ئابلىمىت ئاتۇش ئىسىملىك بىرسى سۆز قىلغان. مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى باشلانغاندىن كىيىن خىتاينىڭ بۇ سادىق جاسۇسىمۇ ساقچى ماشىسىغا چىقىرىلىپ ساقچىخانىغا ئېلىپ كىلىنگەن.

خەۋەردە يەنە، بۇ يىغىندا  خىتاينىڭ سادىق جاسۇسى ئابدۇخالىق ئاقسۇ بىلەن ئۇنىڭ شىرىكى ئەكبەر قارىقاشمۇ ئاللاھقا، شەرقىي تۈركىستانغا ۋە ئۆز خەلقىگە ساتقىنلىق قىلىپ، ئۆز مەيدانىنى ئىپادە قىلىپ سۆز قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

يېڭى ئاكىت تورىدا ئىلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە، خىتايغا سېتىلغان بۇ ئۈچ نەپەر جاسۇس شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار قان-ياش يىغلاۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتاي بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلاشقانلىقى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم قىلىش ۋە خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن خەلقىگە ۋە ۋەتىنىگە  جاسۇسلۇق، ساتقىنلىق قىلغان خائىنلار ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇنىڭدەك ئۆز ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە ساتقىنلىق قىلىپ كومنىست خىتاي بىلەن بىرلەشكەن خائىنلارنى ياخشى تونىۋېلىش لازىملىقى  بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ