ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلار خەلقئارا جەمىئىيەتكە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-08 18:16:36 جەمئى 1878 قېتىم ئوقۇلغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلار خەلقئارا جەمىئىيەتكە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىدى

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇلار خەلقئارا جەمىئىيەتكە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىدى
5- يانۋار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمچىلىق، سەۋەپسىز تۇتۇپ ئاتالمىش << تەبىيىلەش لاگىرى>>غا قاماش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقە قىلشىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنى يىراقتىن كونترول قىلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىش ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى تەلىپ قىلىپ << مۇراجىئەتنامە>> ئېلان قىلغان. مۇراجىئەتنامىنىڭ مەزمۇنى: << 1خىتاي خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ بولغان «سىياسىي تەربىيىلەش لاگىرلىرى» نى تاقاش. 2 ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنىڭ چەت ئەللەرگە چىقالماسلىقى، ۋە چەت ئەلدىكىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بارالماسلىق تىپىدىكى ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش؛ 33 چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى پۇل پروۋۇت، خەت-خەۋەر، پوچتا ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ 4 تۇغقانلىرى چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان نازارەتنى بىكار قىلىپ، نورمال تېلېفون ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ 5 چەت ئەللەردە تۇرىۋاتقان ھەر بىر ئادەمگە قىلىنغان يىراقتىن كونترول ۋە نازارەتنى بىكار قىلىش، تۇغقانلارنى گۆرۈگە ئېلىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ 6 ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆيدىكى كومپيۇتېر ۋە كوچىلاردا تېلېفون تەكشۈرۈشنى، تۈرلۈك مۇراسىملارغا كەلگەنلەرنىڭ سانىغا بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلىش؛7 ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە قاراتقان مەجبۇرى زىيارەتنى، ۋە ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەجبۇرى تۇغقانچىلىقنى بىكار قىلىش>> قاتالىقلار ئىكەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ