ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

نەچچە مىليون سۈرىيىلىك پاتقان تۈركىيىگە 11 ئۇيغۇر پاتماسمۇ؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-02 10:21:15 جەمئى 3206 قېتىم ئوقۇلغان.

نەچچە مىليون سۈرىيىلىك پاتقان تۈركىيىگە 11 ئۇيغۇر پاتماسمۇ؟

نەچچە مىليون سۈرىيىلىك پاتقان تۈركىيىگە 11 ئۇيغۇر پاتماسمۇ؟
1- نويابىر يېڭى چاغ تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىيى پارتىيە بالىكېسىر مىللەت ۋەكىلى ئىسمائىل ئوك، مالايسىيا ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرماي تۈركىيەگە ئەۋەتكەن 11 ئۇيغۇرنىڭ ئاتا تۈرك ئايرودرومىدا نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا، ئىسمائىل ئوك، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا 11 ئۇيغۇرنىڭ ئاتا تۈرك ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇغۇلغانلىقىغا ئالاقىدار سۇئاللارنى قويغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا يەنە، سۈرىيىدە باشلانغان ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن قېچىپ چىققان 5 مىليون سۈرىيەلىككە ئىگە چىقىۋاتقان تۈركىيەنىڭ، 11 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىگە كەلگەندە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، :<> دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا يەنە، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان ئىنسانى دەپسەندىچىلىكنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىسمائىل ئوك سۆزىدە يەنە:<<دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولسۇن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر تۈرك بولسا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ. ھۆكۈمەت بولسا سۇرىيىلىكلەر ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىۋاتىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى گېرمانىيەلىككە، فىرانسيەلىككە، ئەرەبلەرگە بار، پەقەت يالغۇز تۈركلەرگە يوق. بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىشنى داۋام قىلىمىز.>> دېگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ