ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ياخشىلىق

ياخشىلىق

رىئال ھايات تورىنىڭ 14- ئاۋغوست كۈنىدىكى سەھىپىسىدە ئەھمەت مۇراتنىڭ «ياخشىلىق» ناملىق ماقالسى  ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ئىستىقلال تورى تەرىپىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

ئونۋېرىستېتلاردا ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ تۇرىۋاتىمىز. بۇ ئەڭ رۈشەن دىققەت تارتىۋاتقان مەسىلىلەردىن بولۇپ، ھەممىسى بىر-بىرىدىن جەلىپ قىلارلىق، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ  قىسمەتلىرى تامامەن باشقىچە.

بۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن ياشلار بولۇپ، بۇلار ئارىسىدا مىسىردا ئەرەپچە ۋە دىنى بىلىملەرنى ئۈگىنىش ئۈچۈن ئەلئەزھەر ئونۋېرىستېتىدا ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغانلارمۇ بار. ئۆتكەن ئايدا مىسىر ۋە خىتاي ساقچىلىرى بىرلىشىپ  قاھىرەدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاشخانىلىرى ۋە ئۆيلىرگە باشتۇرۇپ كىرىپ،  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كەڭ تارقالدى. بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كىيىن بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىملىرى تۈركىيەگە قېچىپ كەلدى. ئەمما كۆپ قىسىملىرى  سەل بۇرۇنراق كەلگەنلەر بولۇپ، تۈركچە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولغان.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا 17 ياشلىق بىر قىزى بولغان گ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆز تىمىسى يەنە چۆگلەپ كىلىپ ئاتا- ئانىسىغا مەركەزلەشتى.  نەچچە كۈندىن بىرى كۈن چۈشمەيدىغان سوغۇق ئۆيدە پاناھلىنىپ تۇرىۋاتقان گ، سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بىر ئاز ئەسلىگە كىلىپ، كۆزلىرى ياشقا تولدى ۋە ئاتا-ئانا ھەر ئىككىسىنىڭ   ۋەتەندە خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا قىزىنىڭ مىسىردا دىنى تەلىم-تەربىيە ئالغانلىقىغا رازى بولغانلىقى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

يىغىپ ئېيتقاندا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر پەرزەنتنىڭ قىسمەتلىرى  خىتاي تۈرمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقىدۇ. ئالتە ئايدىن بىرى ئاتا-ئانىسىدىن ھېچبىر خەۋەر ئالالمىغان بىر ياش يىگىت «ئاتا-ئانام بەلكى تۈرمىدە بولىشى مۈمكىن. ھېچ خەۋەر ئۇقالمىدىم»دىدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرەپچە ئۈگەنگەنلەر بولۇپ، ئارىسىدا ئىنگىلىز تىلى ۋە كورىيە تىلىنى بىلىدىغانلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن قۇرئان يادىلاش بىلەن بولغان بولۇپ، كۆپ قىسمى قۇرئاننى يادىلاپ بولغانلار.  ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا بولغان قىسقىچە دىيالۇگ مۇنداق: 

-قۇرئاننى قانداق يادىلىدىڭ؟

-ئۆيدە ئانام بىلەن بىللە.

-مەكتەپتە ئوقۇمىدىڭمۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس، مەكتەپتە ھەم ئوقۇدۇم، ھەر كۈنى سەھەر پەيتلىرىدە بىر ئىككى سەھىپىدىن قۇرئان ھەم يادىلىدىم.

ئۇنىڭ ئانىسىغا ھەۋىسىم كەلدى. ئۆز پەرزەنتىگە مۇسۇلمانغا خاس ئىسىم قويۇشى، ھەتتا رامىزان تۇتۇشىمۇ  چەكلەنگەن بىر  تۇپراقتا ياشاۋېتىپ، ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە زۇلۇم ئاسىتىدا تۇرۇپمۇ قۇرئان-كەرىمنى ئۆز ئوغلىغا ئامانەت قويالىغان  ئۇ ئانىمۇ، ئۇ ئامانەتنى ئۆ ئانىسىدىن ئالغان ئىكەن.

بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسى ئاساسى جەھەتتىن ئون ياشلار ئارىسىدىلا قارى بولۇپ بولغانلار. ئۇلار ئوينايدىغان،  مەكتەپكە بېرىش ۋە كىلىشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ۋاقىتلىرىدا ھەممىنى ئۆز يولىدا  ئېلىپ بېرىپ، قۇرئان يادىلاش ئىشىنى تاماملاپ بولغان.

16 ياشقا كىرگەن م ئىسىملىك بىر قىز، ھازىرغىچە بىر تەرەپتىن تىرىشىپ قۇرئان-كەرىمنىڭ يېرىمىنى يادىلاپ بولغان. ئۇندىن باشقا تۆت يېشىدا باشلىغان ئوقۇش ھاياتىدا ئىككى قېتىم سىنىپ ھالقىپ، ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگەن ياشتا ئونۋېرىستېتقا كىرگەن. بۇ جەرياندا يەنە ئانىسىدىن ئەرەپ تىلى ۋە تەپسىر ئۈگەنگەن.

ئائىلىسىنىڭ ھېچبىر خەۋىرىنى ئالالمايۋاتقان، مىسىردىن تۈركىيەگە قاچقان، ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشتىن ئاجىز كەلگەن بۇ بالىلارغا قارايدىغان بولساق شۇ قەدەر چىدامچان، غەيرەتلىك، دىيانەتلىك،  ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان دەرىجىدە. بۇلارنىڭ ئارىسىدا دەئۋەتچى بولۇشنى خالايدىغانلار، ۋەتىنىگە قايتىپ ئىسلامى تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلار ھەم بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتايچىنى  بىلىدۇ.

بىز ئۈچ كۈندىن بىرى چۈشەنگەنلىرىمىز ئىچىدە،  چاغداش مائارىپ نەزىرىيەلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز، ئاتا-ئانىغا دائىر مودىلىقلار ۋە ئۇستاتلىققا ئائىت مەخسۇس ئىلىملاردىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان ئۈرۈمچىلىك، خوتەنلىك، قەشقەرلىك، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇ ئانىلاردىن پەرزەنتلىرىگە بۇ بىلىمنى، بۇ تەربىيەنى بۇ قەدەر چىدامچانلىق ۋە غەيرەتنى ھەمدە بۇ ئۈمىدلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىدىن باشقا بىر نەرسىنى ھىس قىلىپ يىتەلمىدۇق.  ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىنى مەكتەپ قىلغانلىقى، چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن پەرزەنتلىرىنى نامەلۇم بولغان بىر كىلەچەك ئۈچۈن يىتىشتۈرىشى، دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىنىڭ ھېچبىر ئوخشىشى يوق دەپ بىلىمەن. بۇ ئەھۋال بۈگۈنكى دەۋرىمىزنىڭ بىر مۆجىزىسىدۇر.

ئەمدى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر يازغان، ئۇيغۇر سەنئەتچىسى ئابدۇرەھىم ھېيت ناخشا قىلىپ ئوقۇغان بۇ مىسرالارنى ئەسكە ئېلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى.

دىدىم: نىچۈن قورقماسسەن؟

دىدى تەڭرىم بار.

دىدىم: يەنىچۇ ؟

دىدى: خەلقىم بار


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ