ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بىلىپ- بىلمەي باشقىلارنى راھەتسىز قىلىش ئىنسان ئەخلاقىغا مۇناسىپ ئەمەس، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ شۇنداق.

 

بىلىپ- بىلمەي باشقىلارنى راھەتسىز قىلىش ئىنسان ئەخلاقىغا مۇناسىپ ئەمەس، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ شۇنداق. ناۋادا بۇ خىلدىكى ئىشلار بىزدە بولسا تۈزىتىۋېلىشىمىز دىنىمىزنىڭ تەلىۋىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام" مۆمىن دېگەن باشقىلار ئۇنىڭ قولىدىن، تىلىدىن ئەمىن بولغان كىشىدۇر" دېگەن. دېمەككى مۆمىن  باشقىلارنى بىئارام قىلىدىغان ھەرقانداق ئەمەلدىن يىراق بولغان كىشىدۇر. ھايات ھەر زامان ھەر خىل تىپتىكى ھەرىكەتلىك ھالىتىدە داۋام قىلىدۇ. سەپەر بولسا كۈندۈلۈك ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەرنىڭ بىر تۈرىدۇر.  بەزىلەر كۈندە قىسقا يوللۇق سەپەر قىلسا بەزىلەر پات- پاتلا ئۇزۇن يوللۇق سەپەرلەرگە چىقىدۇ.  خەلقئارالىق ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ئىزدەنگۈچى بىر ئورۇننىڭ ئېلىپ بارغان ئانكېتلىق ئانالىزىدا سەپەر جەريانىدا يولىچىلار خالىمايدىغان تىپتىكى سەپەرداشلار تۆۋەندىكى خىلدىكى كىشىلەردىن ئىكەن.

1. يۇقىردا ئېلىپ بېرىلغان تىزىملىك ئىچىدىكى باشقىلار خالىمايدىغان سەپەرداشنىڭ ئەڭ بېشىدا بەدىنىدىن سېسىق پۇراق چىقىدىغان كىشىلەر يەر ئالغان.

2.ئۆزىدىن ئىسپىرت تۈرىدىكى پۇراقلار، يەنى ھاراق – شاراپ پۇرىغى كەلگەنلەر. ياكى مەست كىشىلەر.

3. يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقى بىلەن سەپەر قىلغانلار.

4. سەپەردە دائىم ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىپ ماڭىدىغان بالىلار.

5. شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىققان، بۇ خوشاللىقىنى باشقىلارنى بىئارام قىلغىدەك ھەرىكەتلەردە ئىپادىلەيدىغان جۈپلەر.

6. كۆپ گەپ قىلىدىغان كىشىلەر.

7. خورەك تارتىدىغان، چىشىنى غۇچۇرلىتىدىغان ياكى توختىماستىن پۇتىنى ئۇ ياق بۇ ياققا ھەرىكەت قىلىپ يېنىدىكى كىشىنى بىئارام قىلىدىغانلار.

8. ئاچىغى يامان، تەرسا ئادەملەر.

9. گەپ سۆزى ۋە ھەرىكەتلىرىگە ياسالمىلىق ئارىلاشتۇرىدىغان ئادەملەر.

10. بىنورمال سىمىزلىكىدىن يېنىدىكىنىڭ يېرىنى ئىگەلىۋالىدىغان كىشىلەر.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ