ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پاكىستاندا ياشاۋاتقان نىياز غۇپۇر ھاجىم خەتەر ئىچىدە...

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-05 12:35:25 جەمئى 2275 قېتىم ئوقۇلغان.

پاكىستاندا ياشاۋاتقان نىياز غۇپۇر ھاجىم خەتەر ئىچىدە...


پاكىستاندا ياشاۋاتقان نىياز غۇپۇر ھاجىم خەتەر ئىچىدە...
4- نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، پاكىستاندا ياشاۋاتقان نىياز غۇپۇر ھاجىم پاكىستان سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 11- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە تەييارلىق قىلىپ شەرقىي تۈركىستانغا كېتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىغان.
نىياز ھاجىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن بولۇپ بىر قانچە يىل ئىلگىرى پاكستان بوپۇسىغا ئۆتكەن. پاكىستان پاسپورتى بىلەن ۋەتەنگە كىرىپ چىققان بولۇپ، بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ۋەتەنگە بېرىپ پاكىستانغا قايىتقاندا پاكىستان تاموژنىسىدا « پاسپورتىڭ ساختا » ئىكەن دېگەن باھانە بىلەن پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلغان. پاكىستاندىكى دوستلىرىنىڭ كېپىللىكى بىلەن پاكىستاندا تۇرغان. بىر قانچە ئايدىن بىرى بىر ئايدا بىر قېتىم سوتكا چاقىرتىلىپ تۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا سوتتىن يەنە چاقىرتىپ 11- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۇنىڭ سوتى بارلىقى. 22- كۈنى پاكىستاندىن كېتىشكە تەييارلىق قىلىشنى تاپىلىغان.
نىياز غۇپۇر ھاجىمنىڭ 6 پەرزەنتى بار بولۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە قانداق خەتەردە قالىدىغانلىقى ھەممىزگە مەلۇم، بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تىرىشچانلىق قىلىپ قېرىندىشىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ