ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پەرزەنتلىرىمىز خەلقئارالىق رامزان پائالىيىتىگە قاتناشتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-14 15:03:15 جەمئى 5681 قېتىم ئوقۇلغان.

پەرزەنتلىرىمىز خەلقئارالىق رامزان پائالىيىتىگە قاتناشتى

پەرزەنتلىرىمىز خەلقئارالىق رامزان پائالىيىتىگە قاتناشتى
13- ئىيۇن پەرزەنتلىرىمىز ئەنقەرە كېچىرىم ناھىيسىدە ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارلىق رامزان پائالىيىتىگە قاتناشتى.
پائالىيەتكە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ تەكىلىپ قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركسىتان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە بەش ئوقۇتقۇچى بىلەن 30 پەرزەنتىمىز قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئوغۇل پەرزەنتلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈلگەن مايكا، قىز پەرزەنتلىرىمىز بايراق چۈشۈرۈلگەن شارپا ئارتىپ بايرىقىمىزنى ھەقىقى نامايان قىلدى.
پەرزەنتلىرىمىز ئەنقەرەگە چۈشكەندىن كىيىن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىمىزنى قىزغىن كۈتىۋىلىپ ئەنقەرەدىكى موگان كۆلىنى ساياھەت قىلدۇردى ھەمدە پەرزەنتلىرىمىزنى ئۈچ – تۆتتىن بۆلۈپ ئائىلىسىگە ئېلىپ بېرىپ دوستلۇق رىشتىسى ئورناتتى.
پائالىيەت داۋامىدا پەرزەنتلىرىمىز ھاجى بايرام جامەسى ، باشتەپە جامەسى قاتارلىق مۇھىم تارخىي ئورۇنلار نى زىيارەت قىلدۇرۇلدى.
. كەچ سائەت 10:30 دا 40 مىنۇتلۇق مەخسۇس « شەرقىي تۈركسىتان كېچىلىكى پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتتە پەرزەنتلىرىمىز شەرقىي تۈركسىتان بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا ئالدىن تەييارلانغان بىر قانچە نۇمۇرنى ئورۇنداپ پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئاخىردا پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئۆز- ئارا ھەدىيە تەقدىم قىلىشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ