ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پەرزەنت تەربىيەسىدە توغرا دەپ قارالغان خاتالىقلار(12) بالىلارنىڭ ئانىلاردىن ئايرىلالايدىغان يېشى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2013-12-18 06:13:37 جەمئى 3647 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇنداقتا ئانىلار ئىشلىمىسىنمۇ؟

خىزمەت ئورنى بىلەن يەسلى ئارىسىدا سىقىلىپ قالغان ئانىلار

بالىلارنىڭ ئانىلارغا بولغان ئىھتىياجى ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەركىمنىڭ ئەقلىگە ئىشلەيدىغان ئانىلار كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئىشلىگەن ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئانىسىغا ئىھتىياج ھېس قىلغاندا قانداق بولىدۇ؟ دېگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى ئېنىق.

بۇ سوئالغا دەرھال جاۋاپ بېرىش كېرەك بولسا بولۇپمۇ يېشى تۆت ياشقا توشمىغان بىر ئانىنىڭ ئىشلىشىنى ھەرگىزمۇ تەشۋىق قىلمايمىز. ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بالىلار دەسلەپكى تۆت ياش ئىچىدە ئانىغا بولغان ئىھتىايجلىرى ئۈزۈلۈپ قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا " بىخەتەرلىك" تۇيغۇسىدا مۇشەققەت تارتىدۇ. ئانىسىدىن ئايرىلىپ چوڭ بولغان بالىلار ھاياتقا نىسپەتەن بىخەتەرلىك ھېس قىلىشى تەسكە توختايدۇ. دائىم باشقىلاردىن بىخەتەرلىك ھېس قىلالماسلىقتەك ھالەتتە ياشايدۇ. بۇ ئىشەنچسىزلىك شۇ دەرىجىدە ئېغىر بولىدىكى ھەتتا ئۆزى توي قىلغان ئادىمىگىمۇ، بىرگە خىزمەت قىلغان ئادەملىرىگىمۇ ئىشىنەلمەسلىكتەك ئاۋارچىلىق ئىچىدە ياشايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا بۇنداق بالىلار چوڭ بولغان تەغدىردىمۇ بىر تەرەپتىن ئانىلىرى تەرىپىدىن تولۇق ئالالمىغان سۆيگۈنى ئەتراپىدىكى ئىنسانلاردىن ئىزدەشنى داۋام قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىدىن سۆيگۈ مۇھەببەت كۈتكەن ئىنسانلارغىمۇ يېتەرلىك مىقتاردا سۆيگۈ بېرەلمەيدۇ. خۇددى سۆيگۈگە بولغان قاناتلىرى كېسىلىپ كەتكەندەك ئۆزى ھەم سۆيگۈگە ئاچ ياشاپلا قالماستىن سۆيگۈ بېرىشتە بېخىل بولۇپ چىقىدۇ.

ئەسلىدىمۇ بالىلىرىنى يەسلىلەرگە تاشلاپ قويۇپ ئىشىغا ماڭغاندا بالىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشتىياقى ئىھتىياجىنى ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلىپ ياشىماقتۇر. مەن ئىشلەيدىغان بىر ئانىنىڭ بالىسىنى يەسلىگە تاشلاپ قويۇپ ئۆز ئىش يېرىگە بەھۇزۇر كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. ئەلۋەتتە بىھۇزۇر بولالمايدۇ، چۈنكى ، بۇنداق ئايرىلىش ۋە ئايرىلىشتىن ھۇزۇر ھېس قىلىش ئانىلىق تەبى پىترەتكە خىلاپتۇر. پىترەتكە زىت بولغان بۇ خىل ئايرىلىش كېيىنكى يىللاردا ئانىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىندۇر.

ئۇنداقتا ئانىلار ئىشلىمىسىنمۇ؟

بىر تەرەپتىن " ئىقتىسادى قىيىنچىلىق" لارنىڭ باھانىلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن زامانىۋى دۇنيا ھاياتىنىڭ رەڭدار چۈشلىرى، ئەپسۇسكى ئانىلارنى ئىش ھاياتىغا ئېتتەرمەكتە. ھالبۇكى بىر ئانىنىڭ ئەڭ بەختلىك دەقىقىلىرى بوۋاقلىرىغا ئانىلىق قىلغان دەقىقىلىرىدۇر. ھېچقانداق بىر ئانا بوۋىقىنى قۇچىغىدا ئەلەي ئەتكەن ۋاقىتتىكى ھۇزۇرنى باشقا ھېچقانداق يەردىن ئىزدەپ تاپالمايدۇ. ھەم ئانىنىڭ، ھەم بالىنىڭ مەنپەتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا " دەسلەپكى تۆت ياش " مەزگىلىدە ئانىنىڭ بالىسىنى قويۇپ ئىشلىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

بالىلار قانچە يېشىدا ئانىسىدىن ئايرىلالايدۇ؟

بالىلار دەسلەپكى تۆت يېشىنى توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن ئانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى سۇسلاشقا باشلايدۇ. چۈنكى بۇ ياشقىچە بالىلار ئانىسىدىن ئالىدىغانلىرىنى ھەم ماددى ، ھەم مەنىۋى جەھەتتىن ئېلىپ بولغان بولىدۇ. ئانىسىدىن ئالىدىغان سۆيگۈنى ئۈزلۈكسىز ئالالىغان بولسا ئۇنداقتا بۇ بالا ئۆزى ئالغان سۆيگۈدىن قاچىلىغان ئېنىرگىيە بىلەن سىرتقا دۇنياغا قاراپ قەدەم ئېلىشقا باشلايدۇ. ھەمدە بالىلاردىكى بۇ مەزگىلىنى بايقاشقا بولىدۇ. بالىلار بۇ مەزگىلدە ئىنتايىن يەڭگىل بولغان بىر كىرىزسقا دۇچ كېلىدۇ. تەرسا، جىلىخور، تەتۈر مىجەز بولۇپ قالىدۇ. نېمىلا دېسىڭىز ئۇنىڭ ئەكسىنى قىلىشقا باشلايدۇ. دەل بۇ مەزگىل بالىنىڭ ئانىدىن يىراقلىشىشقا باشلىغان  مەزگىلىدۇر. تۆت يېشىدىن كېيىن بالىلار ئانىلىرىغا ھەر جەھەتتىن باغلىنىپ قالغان ئەمەس، ئانا بالىلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ.

بۇ مەزگىلدە ئانىلار بالىلىرىدىن مەلۇم مۇدەتكىچە ئايرىلالايدۇ. ھەمدە ئىش ھاياتلىرىغا قايتالايدۇ. (داۋام قىلىدۇ)

تەرجىمە قىلغۇچى: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ