ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پەزىلەتلىك ئۇيغۇر خانىملار 12- قېتىملىق پائاليىتى ئۆتكۈزۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-12-19 14:59:03 جەمئى 9319 قېتىم ئوقۇلغان.

پەزىلەتلىك ئۇيغۇر خانىملار 12- قېتىملىق پائاليىتى ئۆتكۈزۈلدى


پەزىلەتلىك ئۇيغۇر خانىملار 12- قېتىملىق پائاليىتى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكەن يىلى 28- ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ ئۆتكۈزپ كېلىۋاتقان پەزىلەتلىك ئۇيغۇر خانىملار 12- قېتىملىق پائالىيىتى 16- دېكابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. ئارقىدىن مەرىپەتپەرۋەر ، ئىلىم سۈيەر خانىملار تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىلەر، ئوقۇپ دېكلىماتسىيە قىلىپ سورۇن ئەھلىنى جانلاندۇرغان بولسا، ھاياتىنى ھەق داۋا يولىدا ئاتاپ، ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ۋە كۈچلىنىشى ئۈچۈن ھاياتىدا نۇرغۇن جاپا مۇشەققەت ۋە توسالغۇلارغا باش ئەگمەي، تىك تۇرۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان، يېشى 70 كە يېقىنلاشقان بولسىمۇ بۇرۇن پۈتتۈرمىگەن بولسىمۇ بىراق مول تەجرىبىگە ئىگە پېنسىيە ھاياتىغا رازى بولماي ھازىرغىچە ئېلىم ئېلىش يولىدا تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى بىرگە ئوقۇشنى داۋام قىلىۋاتقان سانىيە خانىمنىڭ يۈرەكلەرگە جاسارەت بەرگۈچى لېكسىيىسى سورۇن ئەھلىگە ئىبرەت ۋە ھاياجان ئاتا قىلدى.

‹‹ قۇددۇس ۋە بىزنىڭ دىۋايىمىز›› تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پروگرامىزغا، ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن كېلىپ قاتناشقان بۇ خانىملار ۋە ئوقۇغۇچى قىزلار، ھەقىقىي ئىمانىڭ قەلبتە ۋە ئىبادەتتىكى ھەرىكەتلەردە ئەمەس بەلكى ئەمەلدە قايسى شەكىلدە ئىپادىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆرسىتىلگەن ئەمەلىي مىساللاردىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋاقىتنىڭ قىس، ھەم ئەتىگەن ئورۇنلاشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە ئاۋۋالقى قېتىمقى پائالىيەتكە قارىغاندا خېلى كوپ قېرىنداشلار ئىشتراك قىلغان بولۇپ، يىغىندىن كېيىنكى چاي زىياپىتىدە ئولتۇرۇپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان خانىملارنىڭ تەسىراتلىرى كىشىنى ھەقىقەتەن ئىجابى ئويلىنىشقا سالاتتى. مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى ئارقىمىزدىكى شۇئارلىرىمىز بىلەن ئەمەس، ئەمەلدىكى غەيرەت ، جاسارەت ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىجابىي رولىغا قاراش كېرەكلىكى ھەققىدىكى پىكىر ھەممە قېرىنداشلارنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى. يىغىندا، ئاياللار خىزمىتى ھەققىدە بېرىلگەن قىسقا دوكلات ۋە ۋاپاتىغا بىر يىل بولۇپ قالغان ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ، ئىش بېشىدىكىلەرگە ئاسانلىق تىلەش، ئەنسارى ۋە مۇھاجىرلارنىڭ ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنى چىڭىتىش ھەققىدىكى دۇئادىن كېيىن، كېلەر قېتىملىق پروگراممىدا كۆرۈشۈش ئارزۇسى بىلەن ئايرىلىشتى. 13 . قېتىملىق پەزىلەتلىك ئۇيغۇر خانىملار پروگرامىسى ئالتە ھەپتىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلمەكچى.

مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ