<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گۇۋاڭدۇڭدا ئۇرۇپ چېقىش ۋەقەسى يۈز بەردى

گۇۋاڭدۇڭدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئۇرۇپ چېقىش يۈز بەردى
11- ئىيۇل داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۇرۈلىشىچە، خىتاينىڭ گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسى ڧۇشەن شەھىرى شۈندې رايونىدا پۇقرالارنىڭ ساقچى ماشىنىسىنى ئۆرۈپ چېقىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
خەۋەردە ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ بىر ئايالنى ئۇرۇش سەۋەبىدىن بولغانلىقى، ساقچىلار قىزىل چىراغ ئالدىدا بىر ئايالنىڭ توكلۇق موتورىنى تۇتۇپ قالماقچى بولغاندا ئايال قارىشىلىق كۆرسەتكەنلىكى، ساقچىلار ئايالغا زورلۇق ئىشلىتىپ ئۇرغانلىقى، ئەتراپتىكى خەلق ساقچىلارنىڭ ئايالنى يەرگە بېسىپ ئۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ« ساقچىلار خەلقنى ئۇردى، باندىتلار خەلقنى ئۇردى» دەپ ۋارقىراپ ئۈندىدار توپلىرى ئارقىلىق تارقاتقانلىقى، ۋەقەنى بىلگەن ئەتراپتىكى خەلق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساقچىخانا ئالدىغا يېغىلىپ ساقچى ماشىنىلىرىنى ئۆرۈپ، ساقچىلارغا خىش ۋە تاشلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئايالنى ئۇرغان ساقچىنىڭ نەخ مەيداندىن دەرھال قېچىپ كەتكەنلىكى، كوچىلار ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ 10 مىڭدەك ئادەمنىڭ توپلانغانلىقى، شۇ رايۇندىكى ساقچىلار ۋەقەنى كونتىرۇل قىلالماي باشقا ئورۇندىن زور كۆلەمدە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساقچىلىرى كىلىپ مۇداخىلە قىلغانلىقى، بىر قانچە سائەت ساقچىلار كۆرگەنلا ئادەمنى تۇتقانلىقى، ھازىرغىچە نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، نەچچە ئادەمنى ساقچىلارنىڭ تۇتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى، مۇخبىرلار ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندىكى ساقچىخانىغا تېلېڧۇن قىلغان بولسىمۇ بىراق ھېچكىمدىن بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب ئالالمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ