ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىشى ئۆتكۈزدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-08 14:44:01 جەمئى 1001 قېتىم ئوقۇلغان.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىشى ئۆتكۈزدى
7- ئىيۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گىرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يەرلىك گېرمان ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە بېرلىننىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان براندېنبۇرگ دەرۋازىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان قاتتىق باستۇرۇشلارغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاينىڭ باشقا رەھبەرلىرى شۇنداقلا «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ۋەكىلى بىلەن «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىپ، بېرلىنغا نامايىش ئۈچۈنلا كەلمىگەنلىكىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەلۇمات بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ميۇنخېندىن بېرلىنگە 600 كىلومېتىر يولنى بېسىپ نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكنىڭ چىدىغۇسىز ھالەتكە يەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئۇزۇن يولنى بېسىپ كەلگەنلىكىنى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.
«خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» بىلەن «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىسلىي كۆرۈلمىگەن زىيانكەشلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە غەرب ۋە تۈرك دۇنياسىنى بۇ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتكە قاراپ تۇرماسلىققا چاقىردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ