ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىستانبۇل پايچەك سودا بازىرى رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-08 10:48:52 جەمئى 1696 قېتىم ئوقۇلغان.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىستانبۇل پايچەك سودا بازىرى رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىستانبۇل پايچەك سودا بازىرى رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان ئىستانبۇل پايچەك سودا بازىرى ئورگىنى زەيتىنبۇرنۇدا تۈرك دۇنياسى جەمئىيەتلىرىگە بەرگەن ئىپتار زىياپىتىدە ئىستانبۇل پايچەك سودا بازىرى رەئىسى ھىممەت قاراداغ ئەپەندى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى.
زىياپەتكە ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان بىلەن مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر، ياۋرو – ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى رەئىسى ئىسمايىل جەنگىز ئەپەندىلەر قاتناشتى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي كەمسىتىش، ھەر جەھەتتىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش جىنايەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە خەلقىمىزنىڭ تۈركىيەدىكى قىيىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى.
ھىممەت قاراداغ ئەپەندى مىنىستىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ھىممەت قاراداغ ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە ئۆزى قەلەمگە ئالغان شەرقىي تۈركسىتان قان يىغلاۋاتىدۇ ناملىق كىتاب ۋە دوپپا ھەدىيە قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ