ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھىندونېزىيە 105 خىتاينى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

 

ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 105 خىتاي پۇقراسى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

8- ئىيۇن تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، بالى نگۇراھ رائى كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرى ئامران ئارىس، تور دۇنياسىدا ئادەم ئالداش بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان 105 خىتاي پۇقراسىنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئارىس، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ۋىزا مۇددىتىگە خىلاپلىق قىلىش جىنايەتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى، بىراق بۇ ھەقتە قانۇنىي جازا بېرىلمىگەنلىكىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ خىتايدا ياشايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تەكشۈرۈشنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامران ئارىس يەنە، بۇ كىشىلەرگە ياردەم قىلغانلىقى دەلىللەنگەن 11 ھىندونېزىيەلىكنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ