ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ۋەتەننى سۆيۈش ۋە جامائەتچىلىكنىڭ ئەھمىيىتى

ۋەتەننى سۆيۈش ۋە جامائەتچىلىكنىڭ ئەھمىيىتى
5- نويابىر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئستانبۇلنىڭ سافاڭۆيدىكى سۇلتان مۇرات مەسچىتىدە،<< ۋەز نەسىھەت پائالىيىتى >> ئېلىپ باردى.
پائالىيەتكە ئىستانبولدا ياشاۋاتقان 300 ئەتراپىدىكى ئەر- ئايال شەرقي تۈركستانلىق قاتناشتى. پائالىيەتكە ئۇستاز نىزامىدىن تەمكىنى رىياسەتچىلىك قىلدى.
پائالىيەتتە، ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەنى << ۋەتەنپەرۋەرلىك >> تېمىسىدا، << قۇرئان كەرىم >>، << ھەدىس شەرىپ >> لاردىن دەلىل كەلتۈرۈپ مۇھىم، ئىنتايىن تەسىرلىك سۆزلىرى ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى مۇجمەل تونۇشلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەنى شەرقىي تۈركستاننىڭ ئىسلام تارىخىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ئەسلىتىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:
شەرقىي تۈركىىستان خەلقى دۇنيا ئىسلام مەدەنىيىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بىر خەلق، شۇنداقلا ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بىر قىسىمى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەككىنىڭ قانداق مەنىسى بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ بىز شەرقىي تۈرسىتانلىقلارغا نىسبەتەن شۇنداق مەنىسى بار. پەريغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەدىنە قانداق مۇھىم بولسا، بىزگىمۇ تۈركىيە شۇنچە مۇھىم. تۈركىيە بىزنىڭ زېمىنىمىز، چۈنكى بۇ زېمىننى بىزنىڭ تۈرك ئەجدادلىرىمىز قان بەدىلىگە ئالغان.
پائالىيەتتە، مەھمۇتجان قارىھاجىم << بىرلىك ۋە بىرلىكنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى دېدى:
مۇسۇلمانلاردا بىرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، جۈملىدىن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلاردا بىرلىك بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي زېمىنىمىزنى بارلىق ھوقۇقلىرىمىزنى تارتىۋېلىپ، بىزنى باستۇرىۋاتىدۇ.
پائالىيەت ئاخىردا، ئۇستازلار، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر قىسىم سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى. پائالىيەتتە خەلقىمىز كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ كاللىسىدىكى نۇرغۇن مەسىلە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ