ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

14 ياشلىق دوكتۇر
 

14 ياشلىق دوكتۇر

     گىرمانىيىدە 14 ياشلىق بىر بالىغا پەلىسەپە بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانى بېرىلگەن، كىشىلەر قايىل بولۇپ، بۇ ئاجايىپ سىرلىق ئىشقا دىققەت قىلىشقان، ھەمدە، بۇ ئالاھىدە بىر تالانت ئىگىسى، بۇ تۇغما قابىلىيەت دېگەن. دادىسى بولسا، مۇنداق دېگەن، بۇ بالىدا ئالاھىدە بىرەر سىر يوق، بىز ئىنسانلار ئەقلىمىز ھەيران قالسىلا، بۇ بىر سىر، بۇ ئاجايىپ ـ غارايىپ ئىش دەيمىز. ئەمەلىيەتتە بالامنىڭ بۇ ئۇنىۋانغا ئېرىشىشى مۇنداق.1 ـ گۈدەكلىك ۋاقتىدىكى ئەقلى ـ قۇۋۋىتىنى ئىسراپ قىلماسلىق، ئەقلىنى بىكار قويماسلىق، تىل، مېڭىش ـ تۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى كىچىك سانىماي زىرىكمەي ئۈگىنىش.2 ـ كىچىكىدىن باشلاپلا پىكىر قىلىش، ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش، ھەرخىل رومان، ھېكايە، قىسسە، تارىخنى سۆزلەپ بېرىش.3 ـ ئەستە قالدۇرۇش، ياد ئېلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش، نۇرغۇن مەسىلىنى ئۆزىنى دىگۈزۈش، قايتا سوئال سوراش، ھەرخىل بىلىمنى ئۆزىگە سۆزلىتىپ، ئىمتىھان ئېلىپ تۇرۇش.4 ـ بايقاش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش، بەزى ئىشلارنى قەستەن خاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا تۈزەتكۈزۈش، ئەگەر ئۇ بىرەر مەسىلىنى بايقاپ، خاتالىقىنى تېپىپ تۈزەتسە، چوڭلار قايىل بولۇپ، ماقۇل دېيىش، ئاندىن ئۇنىڭ روھىي كەيپىياتى ئۆسۈپ، ئىلگرى سۈرۈلىدۇ، تەپەككۇر قىلىش ئۆسىدۇ.5 ـ نەزەر ـ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، پات ـ پات سىرىتقا ئېلىپ چىقىش، بىلىمنى ئاشۇرۇش، دۇنياۋى مەسىلىنى چۈشىنىدىغان قىلىش.6 ـ كۆپ تەرەپلىمە قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈش، مەسىلىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قارايدىغان قىلىش، خاسلاشتۇرماسلىق، ئەتىراپلىق ئويلايدىغان بىرلا ئىشقا ئىسلىۋالمايدىغان، ھەرخىل ئىھتىمال، پەرەزلەرنى قىلالايدىغان قىلىش.7 ـ ئۈگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش، سۇسلاشتۇرماسلىق، سورىغان سوئالىغا ۋارقىرىماي، دەرھال چۈشەندۈرۈپ، جاۋاب بېرىش، خاتا بولسا، ۋارقىراپ رەت قىلماسلىق، ئىلمى ئۇسۇلدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، مۇنازىرە قىلىشنى، مۇلاھىزە قىلىشنى ئۈگىتىش.8 ـ كىچكىدىن تارتىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ياخشى ئەخلاقى خىسلەت، ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ھەرخىل ئۆرىپ ـ ئادەتنى پىششىق بىلدۈرۈش،، خوش، بىز بۇ سەككىز قائىدە، پىرىنسىپقا بىر نەچچىنى قاتساق، بىزنىڭ بالىلىرىمىزمۇ 14 ياشتا دوكتۇر بولالماسمۇ، 34 ياشتىمۇ بولسا دوكتۇر بولا، شەخسەن مەن، بۇ قائىدىگە بىر نەچچىنى قاتتىم.9 ـ ئۇنى ئىسلام دىنى تەربىيىسىنى بېرىش، ئىمان، ئېتىقاد، ئىسلام تەربىيىسىنى كۈچەيتىش.10 ـ قۇرئان، ھەدىس، ئۇندىن باشقا دىنىي ماتىرېياللارنى تولۇق تېپىپ بېرىپ، ئوقۇتۇش، چۈشەندۈرۈش، تەتقىق قىلدۇرۇش، كۆز قارىشىنى ئاڭلاش.11 ـ شارائىتنى تولۇق ھازىرلاپ بېرىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەلنى تۆلەشتىن يانماسلىق لازىم.12 ـ ھەرخىل دوكتۇر، پەيلاسوفلار كىتابلىرىنى ئوقۇتۇش.13 ـ ئۇياندىن خەلق ئاممىسىدىن نېرى قىلىش.14 ـ ياخشى ئەخلاقلىق ئالىملارغا ھەمراھ قىلىش، ھەم شۇنداق ئالىملاردا ئوقۇتۇش، سۆھبەت، مۇنازىرىسىدە بولۇش.15 ـ دۇنيالىق ماددى، جىسمانىي بىلىمگە، ئاخىرەت ۋە روھ ئىلمىنى، باتىنىي سىر بىلىمىنى قوشۇپ ئۈگىتىش، بىلىم چەكسىز ئۇنى بىلىمدىن ئەمدى بولدى قىل دەپ توسۇپ قويماسلىق، ھەرخىل توسۇلغۇنى ئۇنىڭ غېمىنى يىدۇق دەپ ئۆزىمىز سېلىپ قويۇپ، بىلىم ئېلىش ئەركىنلىكىدىن توسۇپ قويساق بولمايدۇ. ئىلىم، ئىبادەت ئۈچۈن جىھاد، كۆرۈش ئۈچۈن ھەر قانداق توسقۇنلۇق كار قىلالمايدۇ. ئۇلار ئەركىندۇر. ئەلۋەتتە، ئىلىمنىڭ چېكى بولمسىمۇ چارە ـ ئامال قالمىغىچە ھەرخىل خىزمەتمۇ ئىلىم ئېلىشدىن كىتاب ئوقۇشتىن توسۇپ قويمايدۇ، ئاساسىي تۈپ ئامىل، بىزنىڭ ئېتىقادىمىزدا، جاپالىق تېرىشىشىمىزدا، يانماس ئىرادىنىڭ بولۇشىدا، ئاندىن ئاللاھ ئىگەم نىيەتكە بەېقىپ ياردەم قىلىدۇ، خالىسا مەقسەتكە يەتكۈزىدۇ، خالىسا خالىغىنىنى قىلىدۇ، سوراققا تارتىلمايدۇ.ئەلۋەتتە، بىزمۇ ئاڭلىدۇك، سەككىز ياشلىق پۈتۈن قارى 30 پارە قۇرئاننى ياد ئېلىپ بولغان بالىلار خېلى كۆپ ئىكەن، سۈرۈشتە قىلسا، ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس، جاپالىق تېرىشىش، دائىم مەسئۇل بولۇپ ئوقۇتۇش، كۆڭۈل بۆلۈشتىن، جاپالىق تېرىشىشىدىن كۆپ بەدەل تۆلەشتىن قولغا كەلگەن نەتىجە ئىكەن، ئاللاھ خالىسا بىرەر بانا ـ سەۋەب بىلەنمۇ برىدۇ، بۇ بىر رەھمەت، بىز تېرىشساقلا سۈرۈشتە قىلالمىساقلا، بەدەل تۆلەشدىن يانمىساقلا، ئىلمى تالىم، ئوقوغۇچىنى كىچىك چېغىدىن باشلاپلا غەمگە سالمىساقلا كۆڭۈل قويۇپ نىيەت قىلىپ ئوقۇتساقلا نەتىجە بولىدۇ. ئەمما، بالىنىڭ تۇغما قابىلىيىتىمۇ مۇھىم بىر ئامىل، لېكىن بۇ، دۆتلۈك بەك ئاز، بۇلار مېيىپ ھېسابىدا بەكلا ئاز، قارىساق كۆپ بالىلار، كۆپ ئوقوغۇچىلار مەقسەتكە يەتكەن، ھېچبولمىغاندا ماگىستىر بولغانلار ئاز ئەمەس.سەۋەب قىلىش، ئاندىن تەۋەككۈل قىلىش، ئاللاھقا دائىم دۇئا قىلىش، ئىلىمغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش، شارائىتىنى تولۇق قىلىپ بېرىش، ئاندىن نەتىجىسىنى كۈتۈش لازىم. ھورۇنلارچە ئوڭدا يېتىپ ياكى ئىشلارنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرالماي، ھەقىقىي ئالىمنى ئۇستاز قىلالماي، نەتىجىنى كۈتۈش، خام ـ خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ