ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

15- ئىيول ئىسيانىغا قارشى خەلق غەلبىسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ يۈرۈشكە ئاتلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-07-17 13:47:16 جەمئى 19478 قېتىم ئوقۇلغان.

15- ئىيول ئىسيانىغا قارشى خەلق غەلبىسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ يۈرۈشكە ئاتلاندى

15- ئىيول ئىسيانىغا قارشى خەلق غەلبىسىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ يۈرۈشكە ئاتلاندى

2017- يىلى 15- ئىيول كۈنى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن قانلىق ھەربىي ئىسيانغا بىر يىل بولغان كۈن

يىللاردىن بىرى دۆلەت ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان فەتو تېرورچى كۈچلىرى دېموكراتىك تۈركىيە دۆلىتىنى يىقىتماق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بۇ سۈيقەستلىك پىلان ۋە ئۇرۇنۇشلىرى قەھرىمان تۈرك خەلقىنىڭ جېنى بەدىلىگە قارشى تۇرىشى بىلەن بىتچىت قىلىندى.

بۇ خائىنلارچە ئېلىپ بېرىلغان قانلىق ئىسيانغا قارشى مەيدانغا كەلگەن باتۇرلۇق ۋە جاسارەتلەر تۈرك خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ھەقىقى بىر دېموكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى، تۈرك خەلقىنىڭ دېموكراتىيەدىن ھەرقانداق بەدەل تۆلىسىمۇ ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ خائىنلارچە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ئىسيانغا قارشى دېموكراتىيە غەلبە قىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدا خەلق كوچا ۋە مەيدانلارغا توپلۇنۇپ غەلبە كۈنىنى خاتىرلەش ئېلىپ باردى.

ئىستانبۇل ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەردە تۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلامۇ تۈرك خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ يۈرۈشكە ئاتلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە دۆلىتى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتلەردە يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

15- ئىيول كۈنى كەچتە ئىستانبۇلنىڭ شەھىدلەر كۈۋرىكى ۋە فاتىھ ساراچخانا ئالدىدىكى مەيدانلارغا توپلانغان نەچچە ئونمىڭلىغان تۈرك خەلقى بىلەن بىرلىكتە قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئېلىپ، ئۇنى لەپىلدەتكىنىچە يۈرۈشكە ئاتلانغان يۈزلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار بۇ قېتىمقى يۈرۈشتىمۇ ئۆزلىرىنى نامايەن قىلدى.

15- ئىيول كۈنى شەھىدلەر كۆۋرىكىدە تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەربىي ئىسيان باستۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللقى خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى.

-         «2016- يىلى يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسياننىڭ ئارقىسىدا فەتۇ تېرورچى كۈچلىرىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن تۈرك خەلقى بۇ جىنايەتلەرگە قارشى دەرھال ھەركەتكە ئۆتتى ۋە مىليۇنلىغان خەلق كوچىلارغا چىقتى، قارشىسىدىكى تانكا ۋە ئىلغار قۇراللارغا قارشى ئۇلارنىڭ قولىدا پەقەت تۈركىيەنىڭ قىزىل بايرىقى ۋە قەلبىدىكى ھەقىقى ئىمان بار ئىدى. تەكبىرلەر بىلەن تانكىلارنىڭ ئالدىغا بارالىغان بىر خەلقنى كىممۇ ئىشغال قىلالىسۇن؟ ئىستانبۇلدا ۋە مانا بۇ شەھىدلەر كۆۋرىكىدە ئەڭ كۆپ قان تۆكۈلگەن ۋە شەھىدلەر بىرىلگەن بولدى. بۇ كۆۋرىكتە تانكىلارغا قارشى ھەقىقەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن 36 شەھىد ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلەيمەن.»


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ