ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

15- ئىيول ئىسيان ۋە ئۇيغۇرلار

15- ئىيول ئىسيان ۋە ئۇيغۇرلار

15- ئىيول كۈنى بولسا بىر مىللەت جېنى، قېنى بىلەن ۋە بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ۋەتىنى، بايرىقى ۋە ھۆرلىكىنى قوغدىغان، نۇرغۇنلىغان شەھىدلەر، غازىلار، قەھرىمانلار مەيدانغا كەلگەن بىر كۈندۇر.

ۋەتەننىڭ قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋەتەنسىزلەردىن سوراڭ!  سۇرىيەلىك يالاڭ ئاياق كوچىلاردا يۈرگەن بالىلاردىن سوراڭ!

ۋەتەن قولدىن كەتسە ھەممە نەرسە قولدىن كىتىدۇ. خۇددى ئىززەت، ئىپپەت، شەرەپ ۋە غورۇرلىرى ئاياق ئاستى قىلىنغان، ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن يۇرتمۇ-يۇرت، دۆلەتمۇ دۆلەت ئاتلاپ يۈزلىرى سارغايغان، چارىسىز  40 مىليۇن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئوخشاش.

شۇنىڭ ئۈچۈن 15 - ئىيولنى خاتىرلەش ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 ئىسيان ۋە خائىنلىقنىڭ بىر يىل تولغان كۈنىدە، بۇنىڭغا قارشى مەيداننى ئىپادىلەش ئۈچۈن بارلىق تۈرك مىللىتى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، كۆك بايراق بىلەن قىزىل بايراقنى يانمۇ-يان تۇتقان ھالەتتە مەيدانلاردا بولىمىز. جاپا ۋە مۇشەققەتلەردە مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ھەر قاچان ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلىمىز!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ