ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

2017- يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بارغان ئىنسانى دەپسەندىچىلىكلىرى (1)

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-05 11:24:24 جەمئى 6652 قېتىم ئوقۇلغان.

2017- يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بارغان ئىنسانى دەپسەندىچىلىكلىرى (1)

2017- يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بارغان ئىنسانى دەپسەندىچىلىكلىرى (1)
1. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا داۋام قىلىۋاتقان چەكلىمىلىرىگە يېڭى چەكلىمىلەر قوشۇلدى. ساقال قويۇشنى چەكلىگەن خىتاي دېكتاتورىسى ئەمدى بولسا ئاياللارنىڭ ياغلىق چېگىشنى چەكلىدى ھەمدە مەسچىتلەرگە چەكلىمە قويۇپ، پەقەتلا خىتاي تەرەپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇش بەلگىلەندى، نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىش ۋە ئامىن دېيىش چەكلەندى.
2. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قوش تىل ئوقۇتۇش سىياسىتى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇش خەۋپىگە ئېلىپ باردى.
3. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىشلىتىۋاتقان تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي ئىسىم ۋە كىملىك نۇمۇرىنى ئۇيۇش، ئىككىلىك كود بېسىشقا مەجبۇرلاندى.

4. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىچى ۋە سىرتىدىن قىسماققا ئېلىشقا ئۇرۇندى. شەرقىي تۈركىستاندا تېررورچى شامىلىنى پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى بىر يۆنىلىشلىك ئۇرۇش ۋەزىيتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. ئۇيغۇرلارنى سىرىتقى دۇنيادىن ئايرىۋىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى بىر پۈتۈن يىغدى. بېسىم ۋە چەكتىن ئاشقان زۇلۇم سەۋەبىدىن ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ باشقا دۆلەتلەرگە ۋە شەھەرلەرگە قېچىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلارنى قايتىشقا مەجبۇرلىدى. قايتىپ بارمىغانلارنىڭ ئۆي ۋە بارلىق مال-مۈلكلىرىنى مۇسادىرە قىلدى.
5. نەچچە يۈزلىگەن مەسچىتلەرنى ناماز ئوقۇيدىغان ئادەم يوق، دېگەن باھانە بىلەن چېقىپ تاشلىدى. بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدىن ھېچقانداق بىر ئىنكاس تاپشۇرۇۋالمىغان خىتاي مەسچىد يېقىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، چەتئەللىكلەرگە كۆرسىتىش ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن چوڭ شەھەرلەردىكى، يول ياقىسىدىكى مەسچىتلەرنى قويۇپ، نەچچە مىڭلىغان مەسچىتنى چاقتى.


6. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا «ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى تازلاش» مەخسۇس تۈزەش ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك 18 ماددىلىق ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ ئىنسان ئەقلىگە سىغمىغۇدەك دەرىجىدە كۈچەيتىلگەنلىكى، ئوي-پىكىر، ئەقىدە، يۇرۇش-تۇرۇش، يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخىسلەرنىڭ ئۆتمۈش تارىخلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر ئىش-ئىزلىرىدىن تارتىپ قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ، خىزمەت ئورۇنلىردىن ھەيدەش، تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ۋەھشىيلەشكەن سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى..
7. ئىلگىرى روزا تۇتقان، مەسچىتكە كىرگەن، دىنى پائالىيەتكە قاتناشقان ياكى دىنى بىلىم ئالغان كىشلەرنى، ھەمدە باشقىلارنى بۇنىڭدىن ئاكتىپلىق بىلەن توسمىغان ئەھۋاللىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلمىغان، دىنى پىكىر ۋە دىنى ئەسەبىيلىككە ئالاقىدار سۆزلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقان ۋە قاتناشقانلار، ھالال-ھارام توغرىسىدا گەپ-سۆز قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىردەك << ئەسەبىي >> ئاتاپ قانۇنسىز قىلمىش قاتارىغا كىرگۈزۈپ جازالىدى.

8. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىچىدە ئۆلۈم-يېتىم بولغاندا نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزمىگەن. 2.چۈمبەل تارتىپ، جىلباپ كەيگەن. 3. ھاراق-تاماكا تاشلاپ، ساقال قويغان. 4. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى(دىبو)، ياردەم پۇلى ئېلىشنى رەت قىلغان، تېلېۋۇزۇر كۆرمەيدىغان ۋە قوبۇللىغۇچ ئورناتمىغان، ھۆكۈمەت ياردەم قىلىپ سالغان ئۆيدە ئولتۇرمىغان، ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق تامىقىنى يىمەيدىغان. 5. تويدا نەغمە-ناۋا قىلمىغان. 6. ئۆز ئالدىغا ھەجگە بارغان. 7. بالىسىنى مەكتەپكە بەرمەي دىن ئوقۇتۇشىغا بەرگەن. 8. نىكاھ ئوقۇپلا توي قىلغان، ياكى ئىسلامدىكى تالاق تۈزىمى بىلەن نىكاھتىن ئاجراشقان قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئەھۋالدىكى كىشىلەر بولسا ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن توسمىغان ياكى مەلۇم قىلمىغانلارنى قانۇنسىز قىلمىش سادىر قىلغان ھىساپلاپ جازالىدى
9. يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلار قاتتىق تەكشۈرۈپ جازالىنىپ، ئورنىغا خىتايلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ھەرخىل ئەقىل قوبۇل قىلغۇسىز سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى بىر پۈتۈن كونترول قىلىش ئۈچۈن يەنە يېڭىدىن تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

10. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا خىتاي تاجاۋۇزچى ئەسكەر ۋە ساقچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، جىددى ئاقتۇرۇش، تۇتۇش ھەركىتى ئېلىپ باردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغان 15 ماددىلىق يېڭى چەكلىمە سىياسىتىنى ئېلان قىلدى: بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن توي قىلىش، ئاجرىشىش، ياكى باشقىلارنىڭ تويى، ئۆلۈم-يىتىم مۇراسىملىرى ۋە مىراس قاتارلىقلارنىڭ دىنى تۈس ئېلىشىنى ئۇشقۇنلۇق، ئەسەبىيلىك قاتارىغا تىزىپ قاتتىق جازالىدى.
11. شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي يۆتكەش سالمىقى كۈچەيتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش تېپىشىغا قىينچىلىق ئېلىپ كەلدى.

12. شەرقىي تۈركىستاندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى<< مۇھەممەد >> نى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قويۇشىنى چەكلىدى. شەرقىي تۈركىستاندا دىنى تۈس ئالغان ئىسىملارنىڭ چەكلىنىشى خەلقئارا ئاخباراتلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى. خىتاي
ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم سىملىرىنى ئەسەبىيلىك تۈسىنى ئالغان، دەپ ھېسابلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، ئېتىقادى، مەدەنىيتى، يۈرۈش-تۇرۇش، قىياپەت ۋە ئائىلىدىكى ياشاش موھىت، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەقەللى ئىشلىرىغىچە كېڭەيىتتى.

13. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يولى ۋە ئۇسۇلى» ناملىق كىتابنى تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئەسەبىيلىكنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇندى. خىتاي ھەتتا نومۇس قىلماستىن سائەتنى ئوڭ قولىغا تاقىغان، چېچىنى سېرىق بويىغانلارنى ئەسەبىيلىك قاتارىغا تىزىپ شەپقەتسىزلەرچە جازالىدى.
14. خىتاي چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق چەتئەلدىكى پەرزەنتلىرىنى قايتىپ كىلىشكە مەجبۇرلاش، نۇرغۇن ئوقۇرقۇچىلار قايىتقاندىن كىيىن جازالاندى ۋە ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.
15. خىتاي زۇلمى ئېغىرلىشىپ ئۇيغۇرلارغا ھىسىداشلىق قىلغان باشقا مىللەتلەرمۇ جازالاندى. ئىكىكى يۈزلىمىچىلىككە زەربە بىرىش نامى بىلەن باشقۇرۇشتا خىتايغا تولۇق ماسلاشماي ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلغانلار خىزمەتتىن قوغلاندى، ھەتتا جازالاندى.

16. خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ،
تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق تۈركى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قەرز بېرىپ يېقىنلاشتۇرۇپ، تۈركىي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئېغىزىنى ئەتتى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مۇسۇلمانلارنى دىندىن چىقىشقا مەجبۇرلاشتەك جىنايەتلىرىگە ئۈنسىز ھالدا تاماشىبىن بولۇپ قاراپ تۇرىدىغان قىلىپ قويدى. ھەتتا ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. بۇنىڭغا تاقىتى توشقان ئۆلكە ئوجاقلىرى رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز( ئاللاھ ئۇنىڭ ئەنسارلىق مۇقامىنى بەرسۇن!) 10- ماي كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىنسانلىققا يات بولغان زۇلۇملىرىدىن تۈرك مىللىتىنىڭ ئادالىتىگە پاناھلىق ئىزدەپ كەلگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققدە ئىنكاس بىلدۈرپ << زۇلۇمغا تاماشىبىن بولۇشقا بولمايدۇ>> تېمىسىدا توختالدى.

17. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەتىل مەزگىلىدە، بولۇپمۇ رامىزان مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمىدى. رامىزاندا ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە مەخسۇس ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ روزا تۇتۇش چەكلەندى، جۈمە نامىزى ئوقۇغان پارتىيە ئەزاسى جازالاندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ