ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

2017- يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلىرى(2)

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-05 12:18:34 جەمئى 1936 قېتىم ئوقۇلغان.

2017- يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلىرى(2)

2017- يىلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلىرى(2)

1.خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش چەكلىمىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەنگەنلىكىگە قارشى گېرمانىيىدە نارازىلىق نامايىش بولدى

2. ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستانلىق مەشھۇر دىنى ئالىم ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپچى ئابدۇلھىمىت داموللاھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى. ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇنبىرى ئەزالىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى «ئۇنتۇلغان مەزلۇم تۇپراقنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتنى سونەر كارتال ئوقۇغان بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلۇملىرى توختىماستىن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئې خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى! بىز بۇ يەردە تۇرۇپ سىلەرگە شۇنداق خىتاب قىلىمىزكى، سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھەقلىق ھوقۇقلىرىدىن بىرى بولغان ياشاش ھوقۇقىنىمۇ تارتىۋالدىڭلار ! تۈرمىلىرىڭلار مەزلۇم ۋە بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن تولدى. ئۆز دىنى ۋە مەدەنىيتى بىلەن ھايات كەچۈرۈشتىن باشقا ئىش پائالىيەتلىرى بولمىغان كىشىلەرگە ئېغىر زۇلۇم قىلىپ ئۇلارنى قەتلىئام قىلدىڭلار، تارىختا شۇ قەدەر زۇلۇملارنى قىلغان زالىملاردىن پىرئەۋىنلەر، نەمرۇدلار قانداق ھالاك قانداق بولغان بولسا سىلەرمۇ ھەم شۇلاردەك ھالاك بولىسىلەر»دېگەن ئىبارىلەر بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

3. شەرقىي تۈركىستاندا قازاقلارمۇ روزا تۇتقانلىقى سەۋەبىدىن جەرىمانە قويۇلدى. ئون نەچچە قازاق پۇقراسىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ بىرگە ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى.

4.مىسىردىكى ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار خىتاينىڭ << تېررورچى>> دېگەن تۆھمىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. <<دۇنيا ئەھلى سۈننەت ئۆلىمالار ئىتتىپاقى>> بۇ ھەقتە بايانات بەردى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، تۇغقان يوقلاش، ساياھەت ۋە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن تۈركىيە، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ياپۇنىيە، كانادا ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەردە تۇرۇپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندە قېلىپ قالغان ئائىلىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ جىددى شەكىلدە ۋەتەنگە قايتىپ كىلىشى ئۈچۈن تېلېفون قىلىپ، بېسىم ئىشلەتتى. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە ئۇلار ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ بولغىچە تۇتقۇن قىلىندى.

5. تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى قاتارلىق ئۈچ تەشكىلات بىرلىكتە مىسىردا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى.

6. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدە بىر پۈتۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئونۋېرسىتېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە قوللىنىشنى چەكلىدى.
7.شەرقىي تۈركىستاندا ئەزان، تەكبىر، دۇئا ۋە تەسبىھلەرنى ئۆزگەرتتى. خوتەن ۋىلايىتى نامازغا ئالاقىدار «يەتتە نوقتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانى» ناملىق بىر ھۆججەت تارقتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتلىرىگە قاتتىق چەكلىمە قويدى.

8. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەسچىت دەرۋازا ۋە تاملىرىدىكى ئايەتلەرنى ئۆچۈرۈپ ئورنىغا كوممۇنىزىم تەشۋىقاتىنى چاپلىدى، مۇسۇلمانلارنى بالىلىرىغا قويغان ئىسلامى ئىسىملارنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى.

9. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىۋالغان تەربىيىلەش ئورۇنلىرىغا تۈركۈملەپ ئادەم تۇتتى. ، بۇ ئورۇننى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يۇشۇرۇش ئۈچۈن << كەسپى تەربىيىلەش ئورنى>> دەپ ئاتىۋالدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلغان زۇلمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاي دائىرلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا تەربىيىلەشكە يېغىۋىلىنغان مۇسۇلمانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
10خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك روھىي ئوزۇقى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە جاينامازلارنى مۇسادىرە قىلىپ كۆيدۈردى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئۆيلىرىدىكى قۇرئان كەرىمنى ئۆزلىگىدىن تاپشۇرماي تەكشۈرۈشلەردە بايقىلىپ قالسا، قاتتىق جازالايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قۇرئان كەرىم، دىنى كىتابلارنىمۇ تېرورچىلارنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەسى دەپ قاراپ، دىنى كىتاب قۇرئان كەرىم چىققان ئائىلە باشلىقىنى جازالىدى.
11.شەرقىي تۈركىستان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقنى << ئۆز مەسىلىسىنى تاپشۇرۇش >> نامدىكى يېغىنغا تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاننى ھەقىقى شەكىلدە ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ تۈركىيىگە مەخپى بېرىش ئەھۋاللىرى، ئۆمرى ياكى ھەج قىلىش ئەھۋاللىرى، ھەج ۋە ئۆمرىگە بارغاندا ئوقۇغان كىتابلار، كۆرۈشكەن ياكى مۇڭداشقان تۇغقانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار، ۋەتەندىن چەتئەلگە چىقىش ئەھۋاللىرى، تەبلىخ ۋە يىغىلىشلاردا ئولتۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىدى.


12.خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا قىلىۋاتقان ھاقارىتى ھەددىدىن ئاشتى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىسلام دىنغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان قارشىلىقى ۋە ھاقارىتى ھەددىن ئېشىپ، سەپەردە كىتىۋېتىپ يول بويىدا ناماز ئوقۇغان شەرقىي تۈركستانلىقلاردىن ئېغىر جەرىمانە ئالدى ياكى تەربىيەلەشكە يىغىۋالدى.

13. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مېيىت نامىزىغا قاتناشقۇچىلارغا سان چەكلىمسى قويۇپ، مېيىت نامىزىغا 15دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشماسلىقنى بەلگىلىدى، خىتاي ساقچى ئەمەلدارى خىتاينىڭ ‹‹ ئۈچ خىل كۈچ ›› نى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
14. شەرقىي تۈركىستاندا جازا مۇددىتى توشقان مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلمىدى. خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىدا 60 مىڭ شەرقىي تۈركسىتانلىق تۈرمىگە قامىلىپ، شەرقىي تۈركستان غايەت چوڭ تۈرمىگە ئايلاندى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، شەرقىي تۈركسىتان بويىچە 60 مىڭ كىشى تۈرمە ياكى تەربىيىلەش ئورنىغا قامالغانلىقى، پەقەت خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسىدە 20 مىڭ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيىسىدىن 20 مىڭ كىشى يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدە قاماقتا ئىكەنلىكى قاتارلىقلار ئاشكارىلاندى.
15. خىتاينىڭ 12 ياشتىن 65 ياشقىچە ئارىلىقتىكى 19 مىليون كىشىنىڭ D N A ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن قان ئەۋرىشكىسى ئېلىشتا يامان غەرىزى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

16. خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بۇ يىل 24 مىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ دېلودىكى كىشلەرنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى


17. خىتاي تۈرمە قائىدىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرگە ئېلىپ كىرىپ، خىتاي ھەر بىر ئائىلىگە ئىككىدىن كۆز قۇلاق ئورۇنلاشتۇردى. كۆز قۇلاقنىڭ بىرى بۇ يىل يىل بېشىدا ئۇيغۇرلار بىلەن مەجبۇرى ھالدا<< قوشماق تۇغقان >> قىلىپ چېتىلغان خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ، يەنە بىر كۆز- قۇلاقنىڭ ئاھالە كومىتېتتىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئىككى كۆز- قولاق ئائىلىدىكىلەرنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان ياكى ئوقۇمايدىغانلىقىنى، كىملەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى، نەلەرگە بېرىپ نەلەردە تۇرىدىغانلىقىنى نازارەت قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
18. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھالال بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى ھەمدە ھالال- ھارامنى ئايرىشنى ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ باستۇردى.
19. باشقىلارنىڭ ئۆلۈم – يېتىمگە مۇناسىۋەتلىك سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەنلىكى سەۋەپتىن، ئۆلىمالارنى جازالىدى.
20. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تارماقلىرى خىتاي مەخپى تەبىيىلەش لاگىرىغا قامىغان نەچچە يۈزمىڭ شەرقي تۈركىستانلىقلار ئىچىدىن بىر قىسىمىنىڭ ئىز- دېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ