ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

39 سلوۋاكىيە پارلامېنىت ئەزاسى خىتاينى ئنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توختىتىشقا چاقىردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-12-30 11:20:33 جەمئى 2715 قېتىم ئوقۇلغان.

39 سلوۋاكىيە پارلامېنىت ئەزاسى خىتاينى ئنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توختىتىشقا چاقىردى

39 سلوۋاكىيە پارلامېنىت ئەزاسى خىتاينى ئنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توختىتىشقا چاقىردى
29- دېكابىر داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ( 12 - ئاينىڭ 7- كۈنى ) 39 سلوۋاكىيە پارلامېنىت ئەزاسى خىتاي شىجىنپىڭغا فالۇن دافا ئەزالىرى، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە خرىستىيان مۇرىتلىرىغا قىلۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى توختىتىش ھەققىدە ئوچۇق خەت يازغان.
خەۋەردە، ئوچۇق خەت يېزىشقا قاتناشقانلار تۆت خىل پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شىجىنپىڭغا ئۇچۇق خەت يېزىشتىكى مەقسىدى خىتاينى تەنقىد قلىش بولماستىن، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىسنانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ۋە ئەڭ ئاددىيسى ئىجتىمائىي ئەخلاق قىممەت قارىشىغا زىت جىنايىتىنى ئەيىبلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئوچۇق خەتتە، ھاياتلىقنى كۆزگە ئىلماسلىق خىتاي بىلەن سلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قېلىشقا يول قويماسلىققا كاپالەت قىلىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇچۇق مەكتۇپتا يەنە، شىجىنپىڭنى ۋىجدان مەھبۇسىلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانىزمنى مەجبۇرى ۋاستىلەر بىلەن ئېلىپ تىجارەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىش قىلمىشنى دەرھال توختىتىش، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان مىللەتلەرنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى چەكلەش قىلمىشىنى توختىتىلىش، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياغ ئاستى قىلىشتىن ئىبارەت جىنايەتنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ