ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

5. ئىيۇل قەتلىئامى تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھرىدىمۇ لەنەتلەندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-05 22:58:54 جەمئى 1566 قېتىم ئوقۇلغان.

5. ئىيۇل قەتلىئامى تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھرىدىمۇ لەنەتلەندى

 

5. ئىيۇل قەتلىئامى تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھرىدىمۇ لەنەتلەندى

 

بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۈرۈمچى قەتلىئامى نارازىلىق نامايىشى تۈركىيىنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز تەرىپىدىنمۇ ئېلىپ بېرىلدى .

نامايىش قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قەيسەرى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشقا كۆپ ساندا خەلقىمىز قاتناشتى.

نامايىشتا جەمئىيەت رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى ئاخبارات ئېلان قىلدى. ئۇ سۆزىدە: خىتاي رېجىمىنى نەپرەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيانىڭ بۇ قەتلىئامغا نىسبەتەن سۈكۈت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن بۈگۈن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ 5 – ئىيۇلدىنمۇ قاتتىق قەتلىئامغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا مىڭلارچە كىشى قەتلى قىلىنغان بولسا، بۈگۈن مىليونلارچە شەرقىي تۈركسىتانلىقنىڭ خىتاينىڭ نازى لاگىرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇلارغا دۇنيانىڭ سۈكۈتتە ۋە كۆرمەس بولۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەر كۈنى قەتلىئام بىلەن تىلغا ئېلىنىشتىن زېرىكتى. خىتاي قەتلىئام قىلىشتىن زېرىكمىدى، بىزلەرمۇ بۇ قەتلىئاملارنى خاتىرىلەشتىن زېرىكتۇق دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ