ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

8 يىل ئىلگىرى ئەرەب تىلى ئۆگەتكەن كىشى 5 يىل كېسىلگەن

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-09 18:25:43 جەمئى 1232 قېتىم ئوقۇلغان.

8 يىل ئىلگىرى ئەرەب تىلى ئۆگەتكەن كىشى 5 يىل كېسىلگەن


8 يىل ئىلگىرى ئەرەب تىلى ئۆگەتكەن كىشى 5 يىل كېسىلگەن
8- ئۆكتەبىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 8 يىل ئىلگىرى باشقىلارغا ئەرەب تىلى ئۆگەتكەن كىشىگە 5 يىل ئالتە ئاي كەسكەن.
خەۋەردە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىزغىن قىلىش ئۈچۈن، نەچچە يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى كوچىلاپ تۈرمىگە تاشلاشقا باشلىغانلىقى، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىن ئىمىن ئابلىزنى( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 8 يىل بۇرۇن قوشنىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئەرەب تىلى ئۆگەتكەنلىك سەۋەبىدىن « قانۇنسىز دەرس ئۆگەتكەن» دېگەن، تۆھمەت بىلەن 2017 - 6- ئايدا قولغا ئېلىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ( 2018- يىلى 8- ئايدا) 5 يىل ئالتە ئاي كېسىم چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، ئىمىن ئابلىزنىڭ تۇغقانلىرى تۈرمە دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ بىراق تۈرمە دائىرلىرى كۆرۈشكەندە خىتايچە ئالاقە قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى شەرت قىلغانلىقى، ئىمىن ئابلىزنىڭ ئايالى يولدىشى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئامالسىز خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ