ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئەتىدىن باشلاپ 5 پلانېتانى تەڭ كۆرەلەيسىز

ئەتىدىن باشلاپ، يەنى 2016-يىلى 20-يانۋاردىن باشلاپ، كۈن چىقىشقا بىرەر سائەتتەك ۋاقىت قالغاندا شىمالدىن شەرققىچە قارىسىڭىز يۇپىتېر، مارس، ساتۇرن، ۋېنىرا ۋە مېركۇرىي قاتارلىق 5 پلانېتانى بىرلا ۋاقىتتا تەڭلا كۆرەلەيسىز. بۇ 5 پلانېتانىڭ بىزگە تەڭلا كۆرۈنىشى 20-يانۋاردا باشلىنىپ، 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

بىزگە ئالدىنقى قېتىم 5 پلانېتا تەڭلا كۆرۈنگەن ئىش بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىدى.

ۋېنىرا، مارس، يۇپىتېر ۋە ساتۇرن بىزگە بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپلا كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى.  يۇپىتېر شىمال تەرەپتە ناھايىتى يورۇق كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدا مارس قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ.  مارسنىڭ ئاستىدىكى ئوڭ تەرەپكە توغرا كەلگىنى بىزگە سۇس كۆرۈنىدىغان ساتۇرن، ئۇنىڭ ئاستىدا ناھايىتى يورۇق كۆرۈنىدىغىنى ۋېنىرا، ئەڭ ئاستىدىكى ئوڭ تەرەپكە توغرا كېلىدىغىنى بولسا مېركۇرىي بولىدۇ.

 

1-رەسىم: ئەتە (20-يانۋار) دىن باشلاپ يۇپىتېر، مارس، ساتۇرن، ۋېنىرا ۋە مېركۇرىي قاتارلىق 5 پلانېتانى بىرلا ۋاقىتتا تەڭلا كۆرەلەيسىز.  بۇ رەسىمدە بېرىلگىنى ئاشۇ 5 پلانېتانىڭ نىسپىي ئورۇنلىرىدۇر. 

2-رەسىم: يۇقىرىدىكى 5 پلانېتا ئاينىڭ قېشىدا كۆرۈنىدىغان كۈنلەرنى كۆرسىتىدىغان رەسىم.  ئاينىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.

3-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلانېتانىڭ تىزىلىش تەرتىپى. 

بىلىمخۇمار

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن

2016-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ