ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سېررالېئون خىتاي بىلەن تۈزگەن ئايرودورۇم قۇرلۇشى كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۈردى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-12 15:10:05 جەمئى 858 قېتىم ئوقۇلغان.

سېررالېئون خىتاي بىلەن تۈزگەن ئايرودورۇم قۇرلۇشى كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۈردى.

 

11- ئۆكتەبىر تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە،  سېررالېئون ئاۋېئاتسىيە ئىشلىرى مىنىستىرى كابېنېھ كاللون سابىق پىرېزىدېنت ئېرنېست باي كوروما تەرىپىدىن خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن 318 مىليون دوللارلىق ئايرودورۇم قۇرۇلۇشى لايىھسى كېلىشىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەۋەردە، مىنىستىر كاللون خىتاينىڭ ئايرودورۇم قۇرۇلىشى ئۈچۈن بېرىشى پىلانلانغان قەرزنى سېررالېئون ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ لايىھەنىڭ ئەسلىدىنلا زورۇرىيىتى يوقلۇقىنى، مەۋجۇت ئايرودورۇمنى رېمۇنت قىلىشنىڭ كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى سەۋەبىدىن قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ