ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ چىقىش يولى

 شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ چىقىش يولى 
5- يانۋار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەزكىزى چاپىدا،  ئايلىق سۆھبەت يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يېغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد مەلىۋىي رىياسەتچىلىك قىلدى. يېغىن ئۆمەرقارىھاجىمنىڭ مۇڭلۇق قىرائىتى بىلەن باشلاندى.
يېغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيەت رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان << ئۇيغۇرلارنىڭ  نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بۇ ۋەزىيەتتە بىز نىمىلەرنى قىلىشىمىز لازىم>> تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە زۇلۇم قىلىش تارىخىغا ئۇزاق زامانلار بولدى، بىز ھەر خىل شەكىلدە شەرقىي تۈركسىتان داۋاسىنى قىلىۋاتقىلىمۇ ئۇزاق زامانلار بولدى. بىراق زۇلمى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئائىلىسىگە، ھەتتا ئۆيلىرىگە كىرىپ، ھەممە نەرسىسىگە تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ. ئەھۋالىمىزدا ياخشىلىنىش يوق. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بىز  ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى << بىرەر قەۋم ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋلىنى ياخشىلىمايدۇ>> دېگەن ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئاساسلانغاندا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدا ياخشىلىنىش يوق، بىزدە ئاللاھ تەلەپ قىلغاندەك بىرلىك يوق، ئۆز ئارا ئەپۇچانلىق يوق. بىز بۇ ساھەلەردە ئىسلاھ ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم، دىگەنلەرنى تەكىتلىدى.( تەپسىلاتىنى يۇتۇپ  ئىستىقلال سەھىپىسىدىن كۆرگەيسىلە!)
يېغىندا شەرقىي تۈركستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار << بىرلىك ۋە باراۋەرلىك >> ھەققىدە توختالدى. قۇرئان كەرىمدىكى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى مىسال كەلتۈرۈپ، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن قېرىنداشلىرىنى كەچۈرۋەتكەن ئىكەن. بىز ئۇيغۇرلار ئۆز – ئارا  كەچۈرمىگۈدەك خاتالىقىمىز يوق، بىز بىر- بىرىمىزنى قۇدۇققا تاشلىۋەتمىدۇق. قېرىنداشلار ئارا ئەپۇچان بولۇش بىرلىكىمىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ،  دىگەنلەرنى تەكىتلىدى. 
يېغىن ئاخىرىدا، مۇھەممەد ئەمىن داموللامنىڭ يېتەكلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زۇلۇمدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى ھەمدە خىتاي زالىملىرىنىڭ تىزرەك ھالاك بولۇشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ