ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

300 مىڭ تۇتقۇننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەنلىكى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-09 11:32:45 جەمئى 1687 قېتىم ئوقۇلغان.

300 مىڭ تۇتقۇننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەنلىكى ئاشكارىلاندى

 300 مىڭ تۇتقۇننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەنلىكى ئاشكارىلاندى
8- ئۆكتەبىر china Aid تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردىن 300 مىڭ تۇتقۇننى خىتاي ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لاگېرلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يالغانچىلىقنىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى پويىز ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنوبىدىكى لاگېرلاردا قامالغان تۇتقۇنلارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىغا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى لاگېردا قامالغان تۇتقۇنلارنى گەنسۇ بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىغا يۆتكەپ بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر گۇۋاھلىق بېرىپ، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن لىق ئادەم بېسىپ يولغا چىققان چوڭ ئاپتوبۇسلار ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى، بىر قسىم ئەينەكلىرى رەڭلىك لىق ئادەم قاچىلانغان چوڭ ئاپتوبۇسلار غۇلجا ۋوگزالىغا تۇتقۇنلارنى يۆتكىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىن گەنسۇغا 300 مىڭ تۇتقۇننىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى مۇخبىرغا: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيىسىدە 6 يەردە تۈرمە بار ئىكەنلىكىنى، 4 تۈرمىنىڭ يېڭى سېلىنغانلىقىنى، ئىككىسى چىڭگىل ناھىيىلىك قوراللىق قىسىم قورۇسىنى لاگېر قىلىپ تۇتقۇنلار قامالغانلىقىنى، بۇ يەردە قامالغان كىشلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەسلىكىنى، يەنە بىر يېڭى سېلىنغان تۈرمىدە ئىككى مىڭدەك تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى، يېقىندا چىڭىل ناھىيىسى چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، چىڭىل ناھىيىسىدە 10 مىڭ كىشىنىڭ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، تۈرمىگە قامالغان كىشىلەر سانىنىڭ 6000 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ